جېجياڭنىڭ لېچىڭ ناھىيىسىدە تاكسىچىلار ئىش تاشلىدى

خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لېچىڭ شەھىرىدە تۈنۈگۈن 4 ‏- يانىۋار 100 دىن ئارتۇق تاكسىچى ئىش تاشلىغان. تاكسىچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تاكسىچىلاردىن ئالدىغان باج - سېلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېىقىندا لېچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاكسىچىلاردىن ئالىدىغان باشقۇرۇش ھەققىنى ئۆستۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن تەڭ بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ بېرىشى تاكسىچىلارنىڭ تاپاۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش نارازىلىقىغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان. يەنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تاكسىچىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەرز - تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان. قانۇن تارماقلىرىمۇ ئەتراپنى قورشاپ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئالغان.

ھۆكۈمەت تەرەپ تاكسىچىلارنىڭ ئەرزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تاكسىچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنى جىددىي ئويلىشىدىغانلىقىنى ۋە مۇمكىن قەدەر ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىم ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر، قانۇنسىز توپلىشىش دەپ قارالمىغان. ساقچىلارمۇ تاكسىچىلارنى تۇتقۇن قىلىدىغان ياكى ئاپتوموبىلغا بېسىپ ئېلىپ ماڭىدىغان زوراۋانلىق تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان.

نەتىجىدە تاكسىچىلا نارازىلىقىنى تېنچلىق شەكلىدە ئىپادىلەپ، تېنچلىق شەكلىدە ئاخىرلاشتۇرغان. تاكسىچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى يېرىم كۈن داۋام قىلىپ، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، تاكسىچلار ئىشىنى نورمال داۋاملاشتۇرغان.