سەيشەنبە كۈنى خىتاي كوماندىسىدىن يۈ ياڭ ۋە ۋاڭ شاۋلى قوش كىشىلىك چويلا توپ مۇسابىقىسى بويىچە جەنۇبىي كورىيە ماھىرلىرىغا قارىشى مەيدانغا چۈشكەن.
مۇسابىقىدە جەنۇبىي كورىيە كوماندىسى خىتاي كوماندىسىنى ئۇتۇۋالغان بولسىمۇ، ھەر ئىككى كوماندا ئولىمپىككە لايىق روھ بىلەن مۇسابىقىلەشمىگەن بولۇپ، بۇلار تاماشىبىنلارنىڭ زاڭلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
بۈگۈن دۇنيا چويلا توپ ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە قارار چىقىرىپ، ئىككى نەپەر ھىندونېزىيە تەنھەرىكەتچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 چويلا توپچىنىڭ ئولىمپىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى.
ئولىمپىكتىن قوغلاپ چىقىرىلغان خىتاي تەنھەرىكەتچىلەر خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ ئەيىبلەندى. شىنخۇا تورى بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ «ئۆگەنچىلەردىنمۇ تۆۋەن سەۋىيىدە ئوينىغان» لىقىنى كۆرسەتتى.
قاراردىن كېيىن، لوندون ئولىمپىك دائىرىلىرى خىتاي چويلا توپ كوماندىسىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغان تاماشىبىنلارغا باشقا بىر مەيدان مۇسابىقىنى بىكارلىق كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.