خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە تەشۋىقات ھەرىكىتىنى باشلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.19
2008.11.19
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10 - ئايدا، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە "چوڭ تەشۋىقات، چوڭ پاش قىلىش، چوڭ تەكشۈرۈش' ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدار دەپ ھېسابلىنىدىغان مۇئاۋىن 'گۇ' باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى ئۆز يېزىلىرىغا ئەۋەتىپ شۇلارغا باشلاتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز يېزىلىرىغا قايتۇرغان كادىرلارنىڭ قولىغا 'تەشۋىقات تېزىسى' يېزىپ تۇتقۇزغان. ئۇلار شۇ تىزىسنى ئوقۇپ يۈرۈپ، دېھقانلارنى ھازىر 'دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسى'، 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسى'، 'يەرنى ئۆتۈنۈش - باي بولۇش سىياسىتى' قاتارلىقلار بۇيىچە ئىش قىلىشقا، قەشقەردە بۇ يىل يۈز بەرگەن 'تېررورلۇق' ۋەقەلەرنى پاش قىلىش ۋە 'ئۈچ خىل كۈچلەر'گە ئۆچمەنلىك بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىماقتا.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى 'چوڭ تەشۋىقات، چوڭ پاش قىلىش، چوڭ تەكشۈرۈش' ھەرىكىتىگە مەجبۇرلانغان ئادەم سانى 60 مىڭغا يەتكەن.