ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن مىللەتچى پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا شاڭخەيدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتتە، جىيا چىڭلىن، ئەگەر دۇنيادىكى مەۋجۇت ناچار ئىقتسادىي ۋەزىيەت داۋاملاشسا، ۋە تەيۋەن تەرەپ ئىقتسادىي قيىنچىلىقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ياردەم سورىسا، چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەنگە ھەرقانداق ياردەم بېرىشكە تىرىشىدۇ، دېگەن.
جىيا چېڭلىن سۆزىدە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېمىگەن، لېكىن تەيۋەندىن خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ تەيۋەندە مەبلەغ سېلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ، خىتاي ئۆزى ئىقتسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە تەيۋەنگە ئىقتسادىي ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاركارلىشى، تەيۋەندە خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى خالايدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي بىر ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىكەن.