خىتاي ساقچىلىرى چىڭخەي ئۆلكىسىدە بىر تىبەتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

رادىئومىز خەۋىرى: چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرى سەيشەنبە ۋە كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە بىر تىبەتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئىككىسىنى ئېغىر يارىدار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لوندوندىكى «ئەركىن تىبەت» تەشكىلاتىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئوق چىقارغان بۇ ئۈچ كىشى، بۇ يىل 25 - يانۋار چىڭخەي ئۆلكىسى پىما ناھىيىسىدىكى بىر ساقچىخانىغا ئېسىلغان خىتاي دۆلەت بايرىقىنى يۇلۇپ ئېلىۋەتكەن كىشىلەرگە ئالاقىدار دەپ قارىلىپ، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلار ئىكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تىبەت رايونلىرى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىيەت بىر قەدەر جىددىي بولۇپ كەلمەكتە.

تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى يەنە داۋام قىلماقتا.

10 - مارت نيۇ - يورك ۋە مادرىد قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان 2008 - يىلدىكى «14 - مارت لخاسا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە تىبەت رەھبەرلىرى تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى ئويدۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان قاتتىق سىياسەت سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت