ئامېرىكا خىتاينى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا يەنە بىر قېتىم پىكىر بايان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئۆز ئەرز - شىكايەتلىرىنى ئەركىن ئىپادە قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك» دېدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن شەرتسىز سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا، مۇخبىرلار، دىپلوماتلار ۋە باشقا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەت رايونىغا بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىققا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.12.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


2009 - يىلىدىن بېرى تىبەتلەر ئۆزىنى كۆيدۈرۈش يولى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 90 دىن ئاشقان. گەرچە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن دېموكراتىك ئەللەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى تىبەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۆز ئىرادىسى بويىچە ياشاش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ مەسىلىدە گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتىدا «خىتاي ئەگەر تىبەتلەرنى، ئۇلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى، دالاي لامانى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنى كۆيدۈرگۈچىلەرنى كۆرمەسكە سېلىشنى داۋاملاشتۇرسا، زىددىيەت تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلىشىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.