2009 - يىلىدىن بېرى تىبەتلەر ئۆزىنى كۆيدۈرۈش يولى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 90 دىن ئاشقان. گەرچە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن دېموكراتىك ئەللەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى تىبەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۆز ئىرادىسى بويىچە ياشاش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ مەسىلىدە گۇناھنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتىدا «خىتاي ئەگەر تىبەتلەرنى، ئۇلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى، دالاي لامانى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنى كۆيدۈرگۈچىلەرنى كۆرمەسكە سېلىشنى داۋاملاشتۇرسا، زىددىيەت تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلىشىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.