خىتاي تىبەت مەسىلىسىدىكى قاتتىق مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى

خىتاينىڭ ئورگان مەتبۇئاتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ ئورگىنىنىڭ باشلىقى دۇ چىڭلىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: "تىبەتنىڭ مۇستەقىل، يېرىم مۇستەقىل ۋە ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەقىللىق ھالىتىگە كېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس " دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.06

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇ چىڭلىڭ بۇ سۆزنى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئېيتقان بولۇپ، دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى 30 ‏ - ئۆكتەبىردىن 5 ‏ - نويابىرغىچە، بېيجىڭدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە 8 ‏ - نۆۋەتلىك سۆھبىتىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

دۇ چىڭلىڭ سۆھبەت جەريانىدا": جۇڭگونىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش پرىنسىپى مەسىلىسىدە، مەيلى قانداق ۋاقىت ۋە شارائىتتا بولۇشتىن قەتئىنەزەر، قىلچىلىك تەۋرىنىشكە ئەسلا يول قويۇلمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى دالاينىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، دۇ چىڭلىڭ بىلەن ئوخشاش مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ باشتىن ‏ - ئاخىر ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھەمدە قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لاما ئىزچىل تۈردە تىبەتكە مۈستەقىللىق ئەمەس بەلكى ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ ئارىدا دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گەرى پەيشەنبە كۈنى، 17 ‏ - نويابىر دارامسالادا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىبەت قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى سۆھبەت ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.