دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ تەخمىنەن 600 ۋەكىلى دالاي لامانىڭ چاقىرىقى بىلەن توپلىنىپ، مەزكۈر قۇرۇلتايدا ئاساسلىقى دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى رەت قىلغان تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش مەزمۇنىدىكى "ئوتتۇرا يولدا " ئۈزلۈكسىز مېڭىش ياكى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش يولىغا قايتىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ قايسىسىنى تاللاش ھەققىدە مۇھىم قارار چىقىرىدۇ.
بۇ پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ تىبەت مۇستەقىللىقىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە كەسكىن ئىپادە بىلدۈردى.سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىڭ گاڭ بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىگە قارىتا مەيدانىنىڭ تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ" تىبەتنى جۇڭگودىن بۆلۈپ چىقىپ كېتىشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
ھېچقانداق دۆلەت تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ھەر قانداق دۆلەت تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇمايدۇ"دېدى. چېڭ گاڭ سۆزىدە يەنە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەرنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە پۇرسەت ھەم شارائىت يارىتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە دۇنيا تىبەت قۇرۇلتېيىنىڭ ئېچىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن.
يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 8 - نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتىدە تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيە پىلانىنى خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرغاندا، خىتاي دالاي لامانىڭ پىلانىنى رەت قىلغان ئىدى.
تىبەت - خىتاي سۆھبىتى يەنە نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئىچىدىكى رادىكاللار گۇرۇھى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك، مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش يولىغا مېڭىش تەشەببۇس قىلماقتا. دارامسالادا دۈشەنبە باشلانغان دۇنيا تىبەت قۇرۇلتېيى 6 كۈن داۋاملىشىدۇ.
