خىتاي، ' تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەن جازاسى دوكلاتى گۇمانلىق' دېدى
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.12.11
2008.12.11
ئەركىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ دوكلاتىدا تەن جازاسىنىڭ تىبەتتە ئومۇميۈزلۈك، تەرتىپلىك يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماي تەن جازاسىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات يىغىنىدا " مەن بۇ تەشكىلاتنى تازا چۈشەنمەيمەن ياكى ئۇلارنىڭ جۇڭگونى تىبەتتە تەن جازاسى ئېلىپ باردى، دەپ ئەيىبلەشتە قانداق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەگەر ئوتتۇرىدا پاكىت بولسا بىز ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە تەييارمىز. لېكىن پاكىتسىز بولسا بۇ تۈردىكى ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلمايمىز شۇنداقلا بۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن بۇ يىل 3 - ئايدا يۈز بەرگەن تىبەتتىكى خەلق ئىسيانىنى شىددەتلىك باستۇرغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن تىبەت نامايىشچىلىرىغا چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلەتكەنلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
ب د ت نىڭ تەن جازاسى چەكلەش كومىتېتى بۇ يىل 11 - ئايدا جەنۋەدە چاقىرغان يىغىنى خىتاينىڭ تەن جازاسى ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىقىپ، خىتاي تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردا " ناھايىتى جىددىي بوشلۇق" بار بولغاچقا، رازى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا " جۇڭگو تەن جازاسىغا قارشى، جۇڭگو قانۇنلىرىدا تەن جازاسى چەكلەنگەن" دېگەن بولسىمۇ، لېكىن جەنۋەدىكى يىغىندا خىتاي ۋەكىلى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە مەھبۇسلارغا تەن جازاسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتىغا مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.









