خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ پەيشەنبە كۈنى، بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېچىلىدىغان قۇرۇلتاينىڭ كۆپ سانلىق تىبەتلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۈر قۇرۇلتاي، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تەشەببۈسى بىلەن ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى تىبەتلەرنى بىر ئارىغا يىغىدىغان ۋە بىر قانچە ئون يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي ھېسابلىنىدۇ.
دالاي لاما يېقىندا، بېيجىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئۈمىد ئۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تىبەتلەر دارامسالادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قۇرۇلتىيىدا تىبەتنىڭ ئاپتونومىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ۋە ياكى تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەكمۇ دېگەن نۇقتىلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
