خىتاي، بىر قانچە نۇقتىلىق چەتئەل تور بەتلىرىنى قايتا تاقىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.16
2008.12.16
16 - دېكابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جەنچياۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل تور بەتلىرىنى تاقاپ قويۇشتا نېمە مۇددىئاسى بارلىقى ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا دۇچ كەلدى.
ليۇ جەنچياۋ جاۋابىدا مەزكۇر تور بەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرىزى بىلەن تاقالغانلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان تور بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم چەتئەل تور بەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
چەتئەل ئاخباراتلىرىدا، خىتاينىڭ چەتئەل تور بەتلىرىنى تاقىشىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، بۇ سىياسىي سەزگۈرلۈكنىڭ ئېشىشىغا بولسا 2009 - يىلىدا خىتايدا يەنىمۇ زور ئاممىۋى ھەرىكەت ھەم توپىلاڭلار يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە سېزىۋاتقانلىقى سەۋەب بولغان دەپ مۇلاھىزە قىلىنماقتا .
بۇ مۇلاھىزىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2009 - يىلى خىتاي ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىدا زور رىقابەتلەرگە يۈزلەنمەكتە. چۈنكى، كېلەر يىلى 4 - ئىيون ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقى شۇنداقلا تىبەتنىڭ ئاپتونوم رايون قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، مۇشۇ سەۋەبلەردىن خىتاي نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا، تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ساھەسىنى رەتكە سېلىش، بولۇپمۇ سەزگۈر رايونلاردا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋاستىلىرىنى كۈچەيتمەكتە.