خىتاي تۈرمە دائىرىلىرى ئالىمجان ھېمىتنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈشىنى رەت قىلدى

خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 2‏-ئايدا قەشقەرلىك خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھېمىتنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ داۋاملىق ئەرز قىلغان ۋە بېيجىڭدىن ئادۋوكات تۇتقان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.23

ئۇنىڭ ئادۋوكاتى يېقىندا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆتكەن ھەپتە ئالىمجان ھېمىت بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق تۈرمە دائىرىلىرى ئالىمجاننىڭ مەسىلىسى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى»گە ياتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق 3‏-تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئالىمجان ھېمىت بىلەن كۆرۈشۈشىنى رەت قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى خىتايدا خرىستىئان مىسيونېرلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىمجاننىڭ ئادۋوكاتى 12‏-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالىمجان بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.

تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، ئادۋوكاتنىڭ 3‏-تۈرمە بىلەن ئالاقىلىشىشنى ۋە ئالىمجاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئادۋوكات 3‏-تۈرمىگە بېرىپ، تۈرمىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك بىر مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشكەن. گەرچە ۋاڭ فامىلىلىك تۈرمە مەسئۇلى ئادۋوكاتنى ئالىمجان بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، بىراق كۆرۈشۈشكە رەسمىيەت ئۆتەيدىغان ۋاقىتتا «بۇ دېلونىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى»گە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئالىمجاننى ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ» دېگەن. «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى پوپ بۆ شىچيۇ خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويماسلىق، دائىرىلەر سادىر قىلغان قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىش، دەپ كۆرسەتكەن.

ئالىمجان ھېمىت 2009‏-يىلى «چەتئەللىكلەرگە جۇڭگونىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.