خىتاينىڭ '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى'نى باستۇرۇش جەريانىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى باستۇرۇش جەريانىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.01.30
Urumqi-xitay-piqaq-esker-qatil-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر "بوشۈن" خەۋەرلەر تورىدا 30 - يانۋار ئاشكارىلانغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلىش خەۋىرىنى 3 كۈن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يول ئېغىزلىرىدا باستۇرۇش تەييارلىقى كۆرگەن.

ھالبۇكى، نامايىشى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پەرەز قىلغان لىنىيىدە ئېلىپ بېرىلمىغان بولغاچقا، خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپتە ئامالسىز قىلغان.

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى نامايىش يۈز بەرگەن ئورۇن توغرىسىدا ئاخبارات تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ، ئەمما باستۇرۇش بۇيرۇقى ۋاقتىدا چۈشمىگەچكە، ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا ئىككى سائەت كېچىكىپ يېتىپ بارغان.

خەۋەردە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئېلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن، "تولۇق قوراللىنىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان قوراللىق ساقچى قىسىم، ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى دەرھال مۇھاسىرە ئىچىگە ئالغان، كوچا ئېغىزلىرى، ئەتراپتىكى بىنالارنى تولۇق قامال قىلغان ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندا قىرىپ تۈگەتكەن."

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە يەنە، مىڭلىغان قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى قىسقا مۇددەت ئىچىدە نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن، دەرھال ھەربىي يۈك ئاپتوموبىللارنى چىقىرىپ جەسەتلەرنى يۆتكەپ كەتكەن ۋە نەق مەيداننى يۇيۇپ تازىلىۋەتكەن.

خەۋەردە بوشۈن مۇخبىرىغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن خىتايلار سانىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ساندىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقى، ئەمما شۇ كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرى سانىنىڭ 1500 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ 194 خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھەر خىل دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ كۈنى پەقەت خىتاي پۇقرالىرىنىڭلا زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ۋەقەگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، نامايىش گۇۋاھچىلىرى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقى ۋە يەنە نۇرغۇن ئادەمنى قارا - قويۇق تۇتۇپ كەتكەنلىكنى بىلدۈرگەن بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 - ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.