گۇاڭدۇڭدىكى ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلگەن

خىتاي شۇيرﯤ خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن ناھىيىسىدىكى تارماق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەپچىلەر بىلەن شۇ يەرلىك خىتايلار ئارىسىدا زور كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 نەپەر ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. 118 ئادەم يارىلانغان. لېكىن يەنە بەزى مەتبۇئاتلار 12 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 6 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە 25 ‏ - چىسلا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەرلىك خىتايلاردىن تەخمىنەن 300 دەك كىشى قولىغا كالتەك - توقماق ۋە قىڭغىراقلارنى كۆتۈرۈپ، شۆيرﯤ خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ شاۋگۈەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتاقخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان.

خەۋەرلەردە ساقچى ۋە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، لېكىن ۋەقەگە ئارىلاشماي چەتتە قاراپ تۇرغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نۆۋەتتە مەتبۇئات ۋاستىلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا يەرلىك خىتايلارنىڭ جىدەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر بىر تەرەپلىمىلىك ئەيىبلىشىدىن سىرت، تەرەپسىز مەنبەلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئىگە ئەمەس. خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەلۇماتلاردا يەنە، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يېتىدىغانلىقى، ئاز دېگەندە 70 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت