خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە 25 - چىسلا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەرلىك خىتايلاردىن تەخمىنەن 300 دەك كىشى قولىغا كالتەك - توقماق ۋە قىڭغىراقلارنى كۆتۈرۈپ، شۆيرﯤ خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ شاۋگۈەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتاقخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
خەۋەرلەردە ساقچى ۋە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، لېكىن ۋەقەگە ئارىلاشماي چەتتە قاراپ تۇرغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
نۆۋەتتە مەتبۇئات ۋاستىلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا يەرلىك خىتايلارنىڭ جىدەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر بىر تەرەپلىمىلىك ئەيىبلىشىدىن سىرت، تەرەپسىز مەنبەلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئىگە ئەمەس. خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەلۇماتلاردا يەنە، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يېتىدىغانلىقى، ئاز دېگەندە 70 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.