خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ' كۆپىيىش نىسبىتى يۇقىرى رايون ' دەپ كەلمەكتە

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە ئېلان قىلىشىچە، خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرى يېقىنقى نوپۇس ئىستاتىستىكىلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي بۇيىچە نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون دەپ كۆرسەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىستاتىستىكا قىلىنغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار 4 مىليون 465 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مىليون 234 مىڭى نىكاھلانغان ئاياللار ئىكەن. خىتاينىڭ پەرىزىچە، بۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار كېيىنكى خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بۇيىچە كۆپىيىش نىسبىتى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن رايون بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دۈشەنبە ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئونىنچى بەش يىللىق پىلانىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى كونترول قىلغان بولۇپ، بۇ بەش يىل جەريانىدا پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە 570 مىڭ بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق تەبىئىي كۆپىيىشى يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياسىچە كېيىنكى ئون يىل جەريانىدا ئىككى مىليون ئىككى يۈز مىڭدىن ئىككى يېرىم مىليونغىچە نوپۇس ئېشىشى مۇمكىن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈپ، ھەتتا ئالتە ‏ - يەتتە ئايدىن ئاشقان ھامىلىلەرنىمۇ مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى چەكلەۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا نەتىجىدىن رازى ئەمەس بولۇپ، بۇ خىل نوپۇس چەكلەش سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا جىددىي يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

يېقىندا غۇلجىدا، يەتتە ئايدىن ئاشقان ھامىلىسى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلمەكچى بولغان ئارزۇگۈل، رادىئومىزنىڭ خەۋەر بېرىشى ھەمدە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيەتلىرىنىڭ نارازىلىقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئوپېراتسىيىسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت