مۇدىر مۇزەپپەر مىجىت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئالتۇن ئاچقۇچقا ئوخشاتتى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تاشقى ئىشلار مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇزەپپەر مىجىت، تۈنۈگۈن گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرى داۋامىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياىسىتىنى ئالتۇن ئاچقۇچقا ئوخشاتقان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.06.25


مۇزەپپەر مىجىت، گوللاندىيىدىكى جوڭگۇلۇقلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 6 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بىلەن ئالدىنقى كۈنى گوللاندىيىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ مەزكۇر جەمئىيەت ئۇيۇشتۇرغان قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە مەدھىيە ئوقۇغان.

خىتايچە شىنمىن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مۇزەپپەر سۆزىدە 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات جەھەتتىن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك سىياسىتىنى مەدھىيىلەپ «بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىغە بەخت ۋە سائادەتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تۇتقازغانغا ئوخشاش ئىش» دېگەن. يىغىن ھەققىدىكى خەۋەر ۋە سۈرەتلەردىن قارىغاندا، بۇ مۇراسىمغا پەقەت مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىلا قاتناشقان؛ يەرلىك گوللاندىيىلىكلەردىن قاتناشقۇچىلار بولمىغان. گوللاندىيىدىكى جوڭگۇلۇقلار جەمئىيىتى 1987 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ توربېتىدىكى پائالىيەت مەزمۇنلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ مۇستەقىل بىر ئاممىۋىي تەشكىلات بولماستىن، گوللاندىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھىمايىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىندى تەشكىلاتتۇر. ياۋروپا ئەللىرىدە بېقىندى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنغان سۆزلەر كۆپ ھاللاردا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.