خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن قەشقەردە قۇربانجان ھىمىت بىلەن ئابدۇراخمان ئازادقا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئورگىنى 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇر 8 ‏ - ئاينىڭ 4‏ - كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 17 نى ئۆلتۈرۈپ 15نى يارىلاندۇرغان.

خىتاينىڭ قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ ياساش جىنايىتى سادىر قىلدى، دەپ جاكارلىغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدىغان قەشقەر شەھىرىدە، بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئەتىگەنلىك مەشققە چىققان خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئاپتوموبىل بىلەن دەسسىتىپ، پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىككى كىشىنىڭ كەينىدە تېررورچى تەشكىلاتلار بار دېگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە بۇنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسەتمىدى.
 
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى'شىنجاڭ' دەپ ئاتايدىغان بۇ رايوندىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان سەككىز مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق ئىپادىلەپ كەلمەكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇلارنى 'تېررورچى' دېگەن نام بىلەن باستۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت