مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىنىي گۇرۇھ، تۇتقۇنغا ئۇچرىغان خرىستيان مۇرىتلىرىدىن 4 كىشىنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارىلاپ، تۇتقۇنلارنىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىر قويۇپ بېرىلگەنلىكى ياكى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى ياڭ تيەنلۇ ئىسىملىك مۇرىت 2007 - يىلى 4 - ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن "خۇراپاتچىلىقتىن پايدىلىنىپ قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر قېتىم قولغا ئېلىنغان.
"جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا، "شىنجاڭ خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە يەرلىك قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا رىئايە قىلىش ئااساسىدا ئاتقۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز" دېگەن.
"جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" ئۇيغۇر ئېلىدە ئاكتىپ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خرىستيان جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر جەمئىيەت يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خرىستيان مۇرىتى ئالىم ھىمىتنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلەپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئالىم ھېمىتنىڭ ئادۋوكاتى ئالدىنقى كۈنى قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالىم ھىمىت ھەققىدىكى قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىپ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.
