خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسى بەرگەن

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت بىر يىغىنغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، بۇ ساھەدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لېكىن خۇ جىنتاۋ يەنە، خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى بارلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، جۇڭگو " كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدا دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

خۇ جىنتاۋ يۇقىرىقى سۆزلەرنى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى 10 ‏ - دېكابىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسۋىتى بىلەن چاقىرغان يىغىنغا يازغان خېتىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، خۇ جىنتاۋ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا خەت يېزىشتىن بۇرۇن خىتاي ساقچىلىرى گۇيجۇدا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتچىلەر ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ليۇ شاۋبو قاتارلىق ئۆكتىچى زاتلارنى قولغا ئالغان ئىدى. خىتاي ساقچى دائىرىلىرى جۈمە كۈنىگە قەدەر ليۇ شاۋبونىڭ ئائىلىسىگە ليۇنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ئۆكتىچى زاتلارنى قولغا ئېلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن، خىتاينىڭ ھەرىكىتىدىن " چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خۇ جىنتاۋ خېتىدە يەنە مۇنداق دېگەن: "جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ."

خۇ جىنتاۋ خىتاي ئۈچۈن ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەنقىدىگە ئالدىدا 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ قوسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ ئۆزى بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت