خىتاي، خۇ جىنتاۋنىڭ باراك ئوباما بىلەن ئۇچرىشىشىنى پىلانلىماقتا

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش داۋامىدا، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.06

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا، خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىككى تەرەپ ئالىي رەھبىرىنىڭ ئۆز - ئارا ئۇچرىشىپ سۆھبەتتە بولۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

11 ‏ - ئاينىڭ 15 ‏ - كۈنى 20 دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يىغىلىپ، قانداق قىلغاندا "يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كرىزىسى" غا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى.

بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئوبامادىن پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، تەيۋەن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى، بولۇپمۇ تەيۋەن مۈستەقىللىقىگە قارشى تۇرۇشنى ھەمدە تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۈر باياناتچى يەنە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى خىتاي ‏ - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.