خىتاي يادرو رېئاكتورىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى رەت قىلدى

يېقىندا ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر ئېلان قىلىپ، 2011-يىلى ئۆكتەبىردە بېيجىڭنىڭ سىرتىغا جايلاشقان تېز نېيترون رېئاكتورىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان سىستېمىدا كاشىلا چىقىپ، يادرو رېئاكتورىنىڭ ھەرىكەت قىلىشتىن توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.01.26

بۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، خۇددى ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ئوخشاشلا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننى يېقىلغۇ ماددا قىلىپ ئىشلىتىدىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپون ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋىرىدە، بېيجىڭدىكى بۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا يادرونىڭ سىرتقا تارقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ۋە كونترول قىلىش مەركىزىدە خىزمەتچى خادىملار ئۇخلايدىغان كارىۋات بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يادرو رېئاكتورىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى ئىنتايىن تۆۋەن، دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خىتاي ئاتوم ئېنېرگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ۋەن گاڭ بايانات بېرىپ، ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرنىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ بۇلتۇر 7-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەندىن بېرى قايتا مەشغۇلات قىلمىغانلىقىنى، شۇڭا قانداقتۇر يادرو سىرتقا يېيىلىپ كېتىپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

مەزكۇر يادرو رېئاكتورى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فاڭ سەن رايونىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرى مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىل ياپونىيىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كەڭ تالاش-تارتىش ياراتقان ئىدى.

ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشتىن ۋاز كەچتى. ئەمما دۇنيادا خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان ھېلىھەم بۇ خىل تېخنىكىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.