خىتاي ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

خىتاي 22 - نويابىر كۈنى « خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنى ياخشىلاش پىلانى» نامىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى بارغانچە بۇلغىنىۋاتقان مۇھىتنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن خىتايدا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆز مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.11.22

2011 - يىلى 3 - ئايدا ياپونىيىدە يۈز بەرگەن 9 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ياپونىيىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىدا ئاتوم رادىئاتسىيىسى تارقىلىش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارادا يادرو قوراللىرى ھەم يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى چەكلەش دولقۇنى قوزغىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يادرو تېخنىكىسى ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەتلەردىن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشلىرىنى ئاستىلىتىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

نۆۋەتتە خەلقئارادا يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش تەلەپ قىلىنىپ، يادرو ئېنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىش چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىتنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى ھەقىقىي مۇددىئاسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.