خىتاي 'دېھقانلار يەرلىرىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ھەممە غەمدىن خالاس بولىدۇ' دەپ تەشۋىق قىلماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.12
2008.11.12
بۇ يىل بېيجىڭدا ئېچىلغان ئۈچىنچى ئومۇميىغىندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ ئۇچۇرنى مەزكۇر تور بەتنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ خەي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىگەن.
مۇخبىرنى بۇ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مەخسۇس يەر ئۆتۈنۈش مەسىلىسىگە مەسئۇل مۇتەخەسسىسى جى شىنخۇينىڭ خىزمەت خاتىرىسىدە 'ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلەرنى ئىجارىگە بېرىۋېتىش، ئالماشتۇرۇش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قانات يايدۇرۇش - مەركەزنىڭ 3 - ئومۇميىغىنىدا بېكىتىلگەن سىياسەت' دەپ يېزىلغان كەلگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ماناستا ياڭ شۇاڭمىڭ، مەھەممەت ئىسىملىك ئىككى كىشى يەرلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزلىرى باشقا ئىگىلىك تىكلەپ يىللىق كىرىمىنى 200 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەن ۋە قۇمۇلدا 200 دېھقان يەرلىرىنى ئۆتۈنۈۋېتىپ، ئۆزلىرى ئىجارە يىغىپلا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ھەر مو يەردىن كىرىدىغان يىللىق كىرىمنى 2000 يۇەندىن ئاشۇرغان ھادىسىلەرگە ئاساسەن، دېھقانلار يەرلىرىنى ئۆتۈنۈۋەتكەندىن كېيىن ھەممە غەمدىن خالاس بولۇپ، پەقەت ئىجارىسىنى يىغىپ ئولتۇرىدىغان پومىششىكلەرگە ئايلاندى، دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.









