خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت پاراشوكىغا ئارىلاشتۇرۇلغان مېلامىن ماددىسى پۈتۈن دۇنيادا يۈز مىڭلىغان بوۋاقنىڭ كېسەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن سۈت پاراشوكى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشىگە ھەمدە خىتاي سۈت ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا دۈچ كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
ئەمدى نۇرغۇنلىغان ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغىمۇ زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددا مېلامىن ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ھەر يىلى نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق دېڭىز مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىدۇ.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا 2007 - يىلىنىڭ ئۆزىدىلا خىتايدىن 2 مىليارد دوللارلىق دېڭىز مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلغان. يېمەك سانائىتى مەتەخەسسىسلىرى ۋە سودىگەرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى بېلىق ۋە باشقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا بېرىلىدىغان يەملەرگە داۋاملىق مېلامىن ماددىسى قوشىۋېتىدىكەن.
مۇلاھىزىچىلار، خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدا مېلامىن ماددىسىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، زەھەرلىك سۈت پاراشوكى سەۋەبىدىن كرىزىسقا دۇچ كەلگەن خىتاي يېمەكلىك سانائىتىنى تېخىمۇ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن دېيىشمەكتە.