دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، قاماقتىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن. دوكلاتتا، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر دۇنيا بويىچە قاماقتىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 128 نەپەر ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 56 نەپەر ئاخباراتچىنىڭ ئىنتېرنېت مۇخبىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە،خىتاي بۇ يىلمۇ قاماقتىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئەڭ كۆپ قامالغان دۆلەت، دەپ باھالانغان بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى بۇ رېكورتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە قاماقتىكى 28 نەپەر خىتاي ئاخبارات خىزمەتچىسىنىڭ 24 نەپىرى تور بېكەتلىرىدە ماقالە يازغانلىق سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان مۇخبىر ۋە تور يازغۇچىلىرى ئىكەن.
مۇخبىرلارنىڭ قوغداش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دېگەن جىنايەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم قارشى پىكىردىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى جازالاشتا ئىشلىتىدىغان جىنايى ئاتالغۇلار بولۇپ كەلگەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى قاماققا تاشلاشتا خىتايدىن قالسا كۇبا بىلەن بېرما 2 - ۋە 3 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: " ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق ۋەدىسىنى ئادا قىلغانلىقتىن قاماققا ئېلىنماسلىقى كېرەك."
