خىتايغا سېلىنىۋاتقان چەتئەل مەبلىغى سوممىسى بۇ يىل 4 - ئايدىمۇ داۋاملىق تۆۋەنلىگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.15
2009.05.15
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەنۇبىي كورىيە، ئامېرىكا ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كېلىدىغان بىۋاسىتە مەبلەغ ئالاھىدە كېمەيگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ خىلدىكى تۆۋەنلەشنى دۇنيا ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن چېكىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا سېلىنىۋاتقان چەتئەل مەبلىغىنىڭ كېمىيىش ھادىسىسى 1990 - يىلدىكى ئاسىيا ئىقتىسادى كرىزىسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن.









