12 - يانۋار، شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2007 - يىلى ياتاققا ئېلىنغان بىمارلارنىڭ 74 پىرسەنتى ھەمدە كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەن بىمارلارنىڭ 21 پىرسەنتىگە ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن دوكلات خاراكتېرلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2005 - يىلى ئاغرىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا بۇلارنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئانتىبىئوتىك دورىلارنى خاتا، كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ باھاسى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىدىكى ۋۇ يۇڭپىڭ ئىسىملىك بىر خادىم، خىتايدىكى كۆپىنچە دوختۇرخانىلارنىڭ پەقەت پايدا قوغلىشىپ، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى كۆپ يېزىپ بېرىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
