خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، خوڭكوڭغا جايلاشقان ئەيدىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى چېن جىۋېي بۇنىڭ بەك جىددىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك خىتاي ئەيدىز بىمارلىرىغا يامانلىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە دورا ئاسان تەسىر قىلمايدىغان ئەيدىز ۋىرۇس پەقەت خىتايدىلا شەكىللىنىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل ۋىرۇس خىتايدا يامراپ كەتسە بۇنىڭغا قارشى دورا تېخى تەييار ئەمەس ئىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، 2007 - يىلىغا كەلگۈچە خىتايدا 700 مىڭ ئەيدىز بىمارى بايقالغان بولۇپ، بۇ 2006 - يىلدىكىدىن 8 پىرسەنت ئاشقان.
چېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە 38 پىرسەنت بىمار پەقەت جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولۇپ، ئەگەر خىتايدىكى بۇ خىل ئەھۋال ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا خىتاي كەلگۈسىدە جەنۇبى ئافرىقىغا ئوخشاپ قالىدىكەن.
ئەيدىز ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ ئېغىر تەھدىت سېلىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر 60 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى بار ئىكەن.
