خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھرىدە تاكسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلىدى

3 - نويابىر، دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھرىدە تاكسى شوپۇرلىرى، ئېغىر جەرىمانە ۋە ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.03

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، نامايىش ئاخىرىدا ئۇرۇپ چېقىش تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، نامايىشچىلار شۇ كۈنى ئۆز سېپىگە قوشۇلماي ئىشقا چىققان تاكسىچىلارنىڭ تاكسىلىرىنى چاققان ھەمدە خېرىدارلىرىنى تارتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى مەركىزى كوچىغا يىغىلىپ 20 گە يېقىن ماشىنىنى ئۇرۇپ - چاققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 دانە ساقچى ماشىنىسى بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار ئىش تاشلىغان تاكسى شوپۇرلىرى بىلەن سۆزلەشكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىشكەن ئىكەن.

نۆۋەتتە، چۇڭچىڭدا 9 مىڭچە تاكسى شوپۇرى بار بولۇپ دۈشەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا بۇلارنىڭ قانچە پىرسەنتى قاتناشقانلىقى نامەلۇم.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.