خىتاي ئويۇنچۇق شىركەتلىرىدىن 7000 نەپەردەك ئىشچى ئىشتىن بوشىتىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.17
2008.10.17
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ماتتېل ۋە دىسنېي قاتارلىق ئويۇنچۇق شىركەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي شىركىتى سمارت بىرلىكىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇاڭ شەھىرىگە جايلاشقان زاۋۇتلىرى تاقىلىپ قالغان بولۇپ، نەتىجىدە 7000 نەپەردەك مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئىشچى ئىشتىن بوشىتىلغان.
رويتېرېستا خەۋەر قىلىنىشىچە، 17 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ۋەيران بولغان مەزكۇر ئويۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ 1000غا يېقىن ئىشچىلىرى زاۋۇت ئالدىغا توپلىنىپ يىغىلىپ قالغان ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نامايىشچىلار كېيىن 100 گە يېقىن ساقچىنىڭ قورشاۋىدا نامايىشنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يۆتكىگەن.
ھازىرچە نامايىشچىلار ساقچىلار ئارىسىدا بىرەر توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا ئويۇنچۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ۋەيران بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەبلەر بولسا، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىدە ئىكەن.









