يەرلىك دائىرىلەر يۈزدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 8 نەپەر ئىشچى قولغا ئېلىنغان.
شېنجىندىكىMeiFu قەغەز زاۋۇتى يېقىندا ئىش توختاتقان بولۇپ، فۇتىيەن رايونلۇق ھۆكۈمەت پەقەت ئىشچىلارغا ئىلگىرى بېرىلمىگەن مائاشىنىلا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا توختامدا بېكىتىلگەن تۆلەم سوممىسىنى بەرمىگەن.
سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خەينەن ئارىلى سەنيا شەھىرىدە 300 تاكسى شوپۇرى ئىش تاشلاپ، نامايىش ئېلىپ بارغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە چۇڭچىڭ شەھىرىدىمۇ 9000 تاكسى شوپۇرى ئىش تاشلاپ، ھۆكۈمەت تەرەپنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ئىدى.
خىتايدا ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنىڭ ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايۋاتقانلىقى تۈپەيلى، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر، ئىشسىزلىقنىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە چوڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
