گەنسۇدا ئەرزىيەتچىلەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر تارقىتىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لۇڭنەن شەھىرىدە ئەرزدارلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ 60 تىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان.

رادىئومىزنىڭ ۋەقە ھەققىدە لۇڭنەندىكى ئەرزىيەتچىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، لۇڭنەن شەھىرىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن يەر ھۆددىگەرلىرى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئاممىغا بېرىلىدىغان تۆلەمنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، دۈشەنبە كۈنى30 دىن ئارتۇق ئامما ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ھالبۇكى دائىرىلەر ئەرزدارلارنىڭ نارازىلىقى ھەم تەلەپلىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشى ئاخىرىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقا ئايلانغان.

ۋەقەدىن كېيىن، لۇڭنەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەقە ھەققىدە شىنخۇا تورىدا سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۈشەنبە كۈنى لۇڭنەندە 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئۆزلىرىنىڭ كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۆلەم ھەم تۇرالغۇ مەسىلىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ئەرز قىلىپ بارغانلىقى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ قايتىپ تۇرۇشىنى، مەسىلىنى دائىرىلەرنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، سەيشەنبە كۈنى سەھەردە ئەرزىيەتچىلەرنىڭ نەچچە ئون مىڭ كىشىنى تەشكىللەپ ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا بېسىپ كىرىپ ئۇرۇپ - چېقىشى بىلەن بۇ ۋەقە زوراۋانلىققا ئايلانغانلىقى، ھازىر ۋەقەنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئاساسەن تىنجىتىلغانلىقىنى يازغان.

باياناتتا يەنە، ئەرزدارلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇشتا ساقچى، كادىر ۋە ئامما بولۇپ 60 تىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ 11 ئاپتوموبىلى ھەم بىر قىسىم ئىشخانا ئەسلىھەلىرى ۋەيران قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ ۋەقەنى باستۇرۇشتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قانچىلىك ساقچى كۈچى ئىشلەتكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

ئەمما نامايىشچى ئاممىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار يۈز مىڭدىن ئاشقان، نارازىلىق سەيشەنبە كۈنى سەھەرگە يەتكەندە، ھۆكۈمەت ئالتە ‏ - يەتتە ئاپتوموبىلدا كەلگەن قوراللىق ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ ۋەقەنى جىمىقتۇرغان. بەزىلەر باستۇرۇش جەريانىدا تۆت كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.