8 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى، ئىشچىلار شاڭخەي شەھىرىنىڭ غەربى چېتىگە جايلاشقان شاڭخەي يىشىن كومپيۇتېر سانائىتى زاۋۇتى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا يۈزلىگەن ئىشچى قاتناشقان ھەمدە زاۋۇت قوغدىغۇچىلىرى بىلەن نامايىشچىلار توقۇنۇشقان.
9 - دېكابىر سەيشەنبە كۈنى، يەنە نەچچە ئون نامايىشچى يىشىن كومپيۇتېر سانائىتى زاۋۇتىنىڭ دەرۋازىسىغا توپلىشىپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەت ئۇلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر زاۋۇت مال زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەر بىر ئىشچىغا بىر مىڭ يۈەندىن خىتاي پۇلى قەرز ئىكەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلىرىدە چەتئەللەرگە مال ئېكسپورت قىلىدىغان خىتاي زاۋۇتلىرى تۈركۈملەپ ۋەيران بولۇشقا باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ يىلىنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدا پەقەت گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىلا 7 مىڭ زاۋۇت تاقالغان ياكى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن.
