خىتاينىڭ 3 شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان

چارشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ بېيجىڭ، لەيياڭ شەھەرلىرى شۇنىڭدەك گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە تەڭلا ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا نەچچە مىڭلىغان ئەرزدار يىغىلغان، بېيجىڭدىن گۇاڭجۇغا تۇتۇشىدىغان 106 ‏ - دۆلەت تاش يولىنى نەچچە مىڭ ئىشچى 2 سائەت قامال قىلىۋالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.12.04

ھەممىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى لەيياڭ شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇنەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق لەيياڭ شەھىرىدىكى 100 يېقىن جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتتىن مائاش ھەمدە تەمىنات سوممىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان مەزكۇر نامايىشى، جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان نامايىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ساقچىلار 110 - نومۇرلۇق چارلاش ئاپتوموبىللىرى بىلەن نامايىشى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ئىشخانا بۇيۇملىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. 3 سائەتكىچە داۋاملاشقان نامايىشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاستە تەسەللى بېرىشى بىلەن تارقالغان. ئايلىق مائاشى 650 يۈەنگە توغرا كېلىدىغان لەيياڭ شەھەر ساقچىلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال مائاش ۋە تەمىنات پۇلىنى يۇقىرى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

بېيجىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشتا، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ "مېيىپلارنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە" شوئارلار چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىلىرى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقچىلار تەرىپىدىن يىغىۋېلىنمىغان. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار ساقچى ۋە پۇقراچە كىيىنگەن كىشىلەرنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى ئاستىدا تاراپ كەتكەن. نامايىشتا ھېچقانداق كىشى قولغا ئېلىنمىغان.

گۇاڭجۇ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رەڭلىك مېتال زاۋۇتى ھېسابلانغان گۇاڭدوڭ شاۋگۇئەن زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى زاۋۇت رەھبەرلىرى بىلەن قارشىلىشىپ، زاۋۇت رەھبەرلىرى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغانغا قەدەر ئەڭ چوڭ قاتناش يولىنى 2 سائەتكىچە قامال قىلىۋالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.