خىتايدا بىر سودىگەر ئادەم ياللاپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.12.19
2009.12.19
خاربىن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت ۋاڭ ۋېنشياڭغا ئۆلۈم جازاسى، ئاققۇن ئىشچى يۇ يىغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، جېجىياڭ ئۆلكىسىدە يەنە بېنسې ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ يىڭغا قويمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كوپ ئىجرا قىلىنىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلار سانى 1700 بولۇپ، بۇ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلار سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.