شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 3 قېتىملىق پارتلاش فۇجۇ شەھەرلىك تەپتىش ئىدارىسى، فۇجۇ شەھىرى لىڭچۈەن رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى، رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى بىناسى قاتارلىق ھۆكۈمەت بىنالىرىدا 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، بۇ قېتىمقى پارتلاشتا 2 ئادەم ئۆلگەندىن باشقا، يەنە 6 ئادەم يارىلانغانلىقى، ئاز دېگەندە 10 دانە ئاپتوموبىل زەخىمگە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئىشلىتىلگىنى قولدا ياسالغان بېنزىن ئارقىلىق پارتلايدىغان بومبا ئىكەن.
ۋەقە سادىر قىلغۇچى 52 ياشلىق چيەن مىڭچى ئىسىملىك ئەر كىشى بولۇپ، پارتلاش جەريانىدا نەق مەيداندا ئۆلگەن.
جەنۇبىي خىتاي ھەپتىلىك گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، چيەن مىڭچى ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈستىدىن 10 يىلدىن بۇيان ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
ئۇ ئەرز قىلىش جەريانىدا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان. چيەن مىڭچى 2 كۈن ئىلگىرى تور بېكىتىدە، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چىرىكلىكىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىر قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن ئىكەن.