خىتاي دائىرىلىرى مېلامىن سېتىۋالىدىغانلارنى تىزىملاشنى قارار قىلدى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.09.27
2010.09.27
قارارغا ئاساسەن، ئادەتتە پلاستىك ماتېرىيال ياساشقا ئىشلىتىدىغان خىمىيىلىك ماددا مېلامىننى سېتىۋالغۇچىلار چوقۇم ئۆزنى تىزىملىتىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى يەنە، سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرىغا قارىتا "ئىشلەتكەن ھەرقانداق خام ئەشيانى چوقۇم ئېنىق كۆرسىتىش" بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مېلامىن سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆرسەتكەنلىكتىن، بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرى ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆرسىتىپ، سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا مېلامىن قوشۇپ بازارغا سالغان.
نەتىجىدە بۇ، 2008 - يىلى 6 بالىنىڭ مېلامىندىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ۋە 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 6 - ئايدىمۇ 25 مىڭ توننا زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇندىن كېيىن ھەرقانداق سۈت پاراشوكى بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن مېلامىن تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدىكەن.