خەينەن ئۆلكىسىدە تاكسىچىلار ئىش تاشلاپ نامايىش قىلدى

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەينەن ئۆلكىسىدە يۈزلىگەن تاكسىچى ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان بولۇپ، بۇ ، خىتايدا بۇ ئاي ئىچىدە تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم نامايىش قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچى تاكسىچىلار دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، رەسمىيىتى يوق تاكسىچىلار مەسىلىسى ۋە تاكسى شىركەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان توختامدىكى نامۇۋاپىق شەرتلەر قاتارلىقلارغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار ئاخىرىدا ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ - چاققان، شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ شۇ بۆلىكىدە قاتناش توختاپ قىلغان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، نامايىش شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بېسىقتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى 10 ئارتۇق نامايىشچىنى قولغا ئالغان.

ئۆتكەن ھەپتە، سىچۈەن ئۆلكىسى چوڭچىڭ شەھىرىدە 4 مىڭغا يېقىن تاكسى شوپۇرى تاكسى شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ھەقلىرى ۋە بەزى نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلىرىگە قارشى نامايىش قىلغان ھەمدە نامايىشتا 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى چېقىۋەتكەن ئىدى.