"جەنۇبىي جوڭگۇ سەھەرلىك پوچتىسى" گېزىتىدە خىتايدا تەن - جازاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان

1‏ - نويابىر كۈنى "جەنۇبىي جوڭگۇ سەھەرلىك پوچتىسى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خەلقئارا جامائەت دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايدا تەن - جازاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

جەرۇمې كوھەن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى سىياسىتى ۋە گۇئانتانامو ۋە ئابۇ غەرىب تۈرمىلىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، مەزكۇر تۈرمىلەرنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇردى. لېكىن خىتايدىكى تەن - جازاسى مەسىلىلىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا."

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات تەن - جازاسىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمنامىسىغا قول قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جەرۇمې كوھەن، لېكىن خىتايدا تە - جازاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان تەن - جازاسى مەسىلىلىرىنىڭ پەقەت خىتاي قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدە، كېلەر ھەپتە شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىدىغان ب ت د تەن - جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا خىتايدىكى تەن جازاسى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەمما بۇ يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى تەن - جازاسى مەسىلىلىرىنى رەت قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.