نۆۋەتتە خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ بۇ قىلمىشى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
نيۇيوركتىكى خىتاي ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ھەققىدە ب د ت غا ماتېرىيال تاپشۇرۇشنىمۇ رەت قىلىش بىلەن تەڭ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئاشكارىلىغان مەھبۇسلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى ۋە ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا تەھدىت سېلىش، ئۆچ ئېلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ بېسىم قىلماقتا ئىكەن.
خىتايدا زادى قانچىلىك كىشىلەرنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ستاتىستىكا قىلىش تەس بولۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئائىلىلەردە، ساقچىخانا - تۈرمىلەردە، نېرۋا كېسەللىك دوختۇرخانىلىرىدا مىڭلىغان كىشىلەر داۋاملىق تەن جازالىرىغا ئۇچرىماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىگە 84 سىياسىي مەھبۇسنىڭ ماتېرىيالىنى تاپشۇرغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 1997 - يىلىدىن 1999 - يىلى 4 - ئايغا قەدەر خىتاي تەرىپىدىن ئىلى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇرنىڭ ئىككى يۈزگە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى ۋەقەسىدە نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىگە ئېلىنغان ھەم يوقاپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىملىق تۇتقۇن قىلىشتا رەسمىي تۈرمىگە ئېلىنغان، جازاغا ئۇچرىغانلار ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىدى.
