ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2010-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن 2 يىللىق قايتا تەربىيىلەشتىن كېيىن، خىزمەتكە تەقسىم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئەمما ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار قايتا تەربىيىلىنىش جەريانىدا، نۇقتىلىق ھالدا خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ھەم سىياسىي دەرسلەرنى ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارغا قارىتا كەسپى جەھەتتىن ھېچقانداق تەربىيىلىنىش پۇرسىتى بېرىلمىگەندىن باشقا، بۇ ئوقۇغۇچىلار يەنە ھەر خىل چەكلىمە ھەم كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغان.
2010-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن جېجياڭ ئۆلكىسىگە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇدىن ئەۋەتىلگەن 80 نەچچە ئوقۇغۇچى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلغان خىتاي ئوقۇتقۇچى ھەم مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن «مەكتەپ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگەنلەر جازالىنىدۇ» دېگەندەك تۈرلۈك چەكلىمە ھەم مىللىي كەمسىتىلىشلەرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇربىز تور بېكىتىدە ئۆزلىرى ئۇچرىغان تەڭسىزلىكلەرنى بايان قىلىپ، نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
