نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بەرگەن جايلار قامال قىلىنىپ، ساقچىلار نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان دېھقانلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.
فۇجيەن ئۆلكىسى سەنيۇ ناھىيىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن كادىر ھەم ساقچىلار بولۇپ 800 كىشى يېرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەن شەرقىي جىڭگۇەن كەنتىگە باستۇرۇپ كىرگەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ 5 دانە تراكتورىنى مۇسادىرە قىلغان.
قارشىلىق كۆرسەتكەن دېھقانلاردىن 40 نەچچە كىشىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان، يۈەن جەنخاڭ ئىسىملىك بىر دېھقان ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە توقۇنۇشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئىنكار قىلىنىپ، 18 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، بۇلارنىڭ 12 نەپىرىنىڭ كەنتتىكى دېھقانلار، قالغان 5 نەپىرىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى دېھقانلارمۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىشتا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ كۆپ ساندىكى دېھقانلار يارىلانغان.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئۆز يېرىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ بارغانچە كۆپىيىپ، بۇ خىل نارازىلىقلار خىتايدىكى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئاساسى قىسمىغا ئايلانغان.
