باۋدىڭنەن شەھىرىنىڭ نەندايۈەن يېزىسىدا دېھقانلار بىلەن ھۆكۈمەت خادىملىرى توقۇنۇشتى

خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭنەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئادەم چىقىرىپ ئۆز تەۋەلىكىدىكى نەندايۈەن يېزىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ئىگىلىگەن بولۇپ، نەتىجىدە دېھقانلار بىلەن باستۇرۇپ كىرگۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ۋەقەسى 20 - دېكابىر شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى باۋدىڭنەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چىقىرىپ نەندايۈەن يېزىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن.

مەزكۇر يېزىنىڭ نەنگې ۋە بېيگې كەنتلىرىدىكى 500 دىن ئارتۇق دېھقان ئېتىزلىرىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، باستۇرۇپ كىرىپ مەجبۇرىي يەر ئىگىلىگۈچىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەن.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 5 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئەمما ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.

توقۇنۇش يۈز بەرگەن يېزىدىكى دېھقانلار ۋەكىلىنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، باۋدىڭنەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت، مەزكۇر يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ 300 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرىنى ھەر موسىنى 139 مىڭ يۈەندىن مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈۋېلىپ ھەر موسىنى بىر مىليون بىر يۈزمىڭ يۈەندىن "كىم ئاشتى" قىلىپ يەرگە ئېھتىياجلىق شىركەتلەرگە ساتماقچى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېزىدىكى دېھقانلار بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسەتلىرى ئۈستىدىن بېيجىڭ دائىرىلىرىگىچە ئەرز سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت