خىتاي دائىرىلىرى راستىنلا ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قويۇۋەتتىمۇ

خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى پەيشەنبە كۈنى غەرب مەتبۇئاتلىرىغا تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۈچۈن چىقارغان يېڭى تەدبىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۈر تەدبىردە، مۇخبىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئالدىن رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى بېكىتىلگەن.

رويېتىرس ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ھەقىقەتەن ھۆكۈمەتكە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇچۇرلارنى بىر قەدەر ئەركىن قويۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋاستىسى بىلەن سەزگۈر ئۇچۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئەنگىلىيىنىڭ ۋاقىت گېزىتى، خىتاينىڭ ئاخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنىڭ، تەشۋىقاتقا مەسئۇل خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسى تەرىپىدىن بىۋاستە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

بىراق، ۋاقىت گېزىتى":بۇ خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئەركىنلىكىنى يەنىلا كونترول قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە، بولۇپمۇ ئىنتېرنېتكە ئوخشاش ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ دېموكراتىيىگە بولغان ئىنتىلىشى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىكەن.