خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدە يۇقۇملۇق بالىلار كېسەللىكى تارقالدى

خىتايدا يەنە تارقالغان يۇقۇملۇق بالىلار كېسەللىكىدە ئۈچ بوۋاق ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، پۇت - قول، ئېغىز - بۇرۇن كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر ۋىرۇس خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدە يامراشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.20

شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت فۇجىيەندە تارالغان بۇ ۋىرۇس بىلەن 113 بوۋاق يۇقۇملانغان بولسا ئۈچ بوۋاق داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پۇت - قول ۋە ئېغىز بۇرۇن كېسەللىكى بىر خىل ئادەتتىكى بالىلار كېسەللىكى بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى بۇ خىل كېسەللىك ئېنتېروۋىرۇس بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن.

ئېغىز - بۇرۇن پۇت - قول كېسەللىكىگە ئېنتېروۋىرۇس ئارىلىشىپ كەلسە، بۇ ئادەمدە قاتتىق قىزىش ھالىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ خىل ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك بىرەر ۋاكسىنا ۋە ياكى ئۈنۈمدار دورا يوق ئىكەن.
ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ قىزىش، پارالىچ ۋە مېنىنگىت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مېدىتسىنادا، ئېنتېروۋىرۇس 71 ( VE 71)، يەنى ئۈچەي يولى ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ۋىرۇس ئارىلاشقان ئېغىز - تۇياق كېسەللىكى بۇ يىل ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا ئاساسەن جەنۇبىي خىتايدا يامراپ 27 مىڭدەك بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرغان ھەمدە 42 ئادەم بۇ خىل ۋىرۇستا قازا قىلغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.