خىتاينىڭ يېمەك - دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى بۈگۈن بوۋاسىر دورىسىنى دەرھال يىغىۋېلىشنى جاكارلىدى

خىتاينىڭ يېمەك - دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى بۈگۈن 'ۋېئاۋ دورا ھەسسىدارلىق شىركىتى' ئىشلىگەن بوۋاسىر )گېموروي( دورىسىنى دەرھال يىغىۋېلىشنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايچە 'جژ شۆ جياۋ ناڭ' دەپ ئاتىلىدىغان بۇنداق بوۋاسىر دورىسىنىڭ جىگەر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. بۇ، خىتايدا سۈت مەھسۇلاتلىرىدا، تۇخۇم مەھسۇلاتلىرىدا زەھەر بارلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى يەنە بىر زەھەرلىك دورا سەتچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭنىڭ يېمەك بىخەتەرلىكى ئورگىنى بۈگۈن يەنە، خوڭكوڭدىكى بېلىق باقمىچىلىق شىركەتلىرى خىتايدىن كىرگۈزگەن بېلىق يەملىرىدە مېلامىن بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە 4 جايدىكى بېلىق باقمىچىلىق شىركەتتىن بازارغا سالغان 8 بېلىقنىڭ ھەممىسى مېلامىن ئارىلاشتۇرۇلغان يەم بىلەن بېقىلغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ ئىنسانلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى جەھەتتىكى تەكشۈرۈش - تەجرىبىلەر ھازىر داۋاملاشماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.