ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ ب د ت غا ئەزا 192 دۆلەتنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئوخشاش ئۆلچەم بۇيىچە تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادا يەنە بىر نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىۋاتىدۇ.
گەرچە خىتاي ب د ت نىڭ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ 'پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسى' ۋە 'ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسى' دېگەن ئىككى ئەھدىنامىغا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئالدىنقىسىنى ئىجرا قىلىشنى تېخى تەستىقلىمىغان ئىدى.
