ۋاشىنگتوندا لاۋگەي كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان لاۋگەي فوندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆزگەرمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئاخباراتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە تۈرمىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان 200 گە يېقىن كىشى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەزكۇر فوندىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭدا ئۇيۇشتۇرغان كۆرگەزمىگە خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يازما شەكىلدىكى ھۆججەت، رەسىم، كىتاب ۋە ماددىي بۇيۇملار قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە خادىملىرى ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى، ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەمدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ خىتاي دېموكراتىيە قۇرۇلمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۈر كۆرگەزمىگە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.